ئەزەربەيجاندا مىنا پارتلاپ، بىر پۇقرا قازا قىلدى
ئەزەربەيجاننىڭ تەرتەر ۋىلايىتىدە مىنا پارتلاپ بىر پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تەرتەر ۋىلايىتىنىڭ چايلى يېزىسى تاغلىق رايونىدا بىر پۇقرانىڭ مىناغا دەسسىۋېلىشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تەرتەر ۋىلايىتىنىڭ چايلى يېزىسى ئىككىنچى قاراباغ ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى بىر ئالدىنقى سەپ ئىدى. بىر قىسمى ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا قالغان بۇ يېزا، 2020- يىلى 9- ئۆكتەبىر ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلىنغانىدى.
ئەزەربەيجاننىڭ ئىشغالدىن ئازاد قىلىنغان زېمىنلىرىدا ئەرمېنىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن كۆمۈلگەن يۈز مىڭلىغان مىنالارنىڭ بارلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.
ئىككىنچى قاراباغ ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيان 64 ئەزەربەيجانلىق مىنا پارتلاپ قازا قىلدى، 266 ى يارىلاندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.