ئەزەربەيجان فىرانسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاتېرىنې كولوننانىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

2046128
ئەزەربەيجان فىرانسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئايخان ھاجىزادە فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاتېرىنې كولوننانىڭ ئەرمېنىيە زىيارىتى داۋامىدا ئەزەربەيجانغا قارشى بەرگەن باياناتلىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

ھاجىزادە ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاتېرىنې كولوننانىڭ ئەرمېنىيە زىيارىتى داۋامىدا قىلغان «يالغان قامال» ۋە «ئەرمەنلەرنى كۆچۈشكە مەجبۇرلاش» تەرىقىسىدىكى باياناتلىرىنىڭ  تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاتېرىنې كولوننانىڭ <فىرانسىيە ھەمىشە ئەرمېنىيە تەرەپتە تۇرىدۇ> دېگەن باياناتى ئۆزىنىڭ سەمىمىي ۋە بىتەرەپ مۇرەسسەچى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان فىرانسىيەنىڭ نىقابىنى يىرتىپ تاشلىدى.»

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاتېرىنى كولوننا ئەرمېنىيەنىڭ پايتەختى يېرېۋان زىيارىتى ئەسناسىدا، قاراباغدىكى ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلى ئەزەربەيجاننى ئەيىبلىگەنىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاتېرىنې كولوننا ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارارات مىرزويان بىلەن يېرېۋاندا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، دۆلىتىنىڭ ئەرمېنىيەگە مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى ئەۋەتىش ئۈچۈن كەلگۈسىدە كېلىشىملەرنى ئىمزالاشقا قوشۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

كولوننا فىرانسىيەنىڭ ئەرمىنىيەنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلغان، ھەمدە دۆلىتىنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە قارىتا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر