گۇبا شەھىرى «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى يېزا ئىگىلىك پايتەختى» دەپ ئېلان قىلىندى

ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا چاقىرىلغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىرىنىڭ 2 - قېتىملىق يىغىنىدا، ئەزەربەيجاننىڭ گۇبا شەھىرى «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى يېزا ئىگىلىك پايتەختى» دەپ ئېلان قىلىندى.

2042800
گۇبا شەھىرى «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى يېزا ئىگىلىك پايتەختى» دەپ ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى مەجنۇن مەممەدوۋنىڭ ساھىبخانلىقىدا چاقىرىلغان يىغىنغا تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باش كاتىپى، باش ئەلچى قۇبانىچبېك ئۆمۈرالىيېۋ، تۈركىيە دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىق ئىشلىرى مىنىستىرى ئىبراھىم يۇماقلى، ئۆزبېكىستان يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى ئەزىز ۋوئىتوۋ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى يېزا ئىگىلىك ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ھۈسەيىن چاۋۇش شۇنداقلا قىرغىزىستان يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مىنىستىرى مۇرات راماتوۋ ۋە قازاقىستان يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئابىلخابىر تامابېك قاتارلىقلار قاتناشتى.

مىنىستىرلار يىغىندىن كېيىن خىتابنامە ۋە ئاخباراتقا بايانات بەردى.

ئەزەربەيجان يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى مەممەدوۋ: «ئەزەربەيجان تەرەپ بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئەزا دۆلەتلەرگە تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ يەككە رەقەملىك يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇمات سۇپىسى قۇرۇش، TDT ماركىسى ئاستىدا يېزا ئىگىلىك ۋە يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق پىكىر ۋە تەكلىپلىرىمىزنى سۇندۇق ۋە بۇ يۆنىلىشتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا كېلىشتۇق.

بىز يەنە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردە يېزا ئىگىلىك پايتەختى ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى تەۋسىيە قىلدۇق. نۆۋەت بىلەن، ھەر يىلى بىر شەھەر تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى يېزا ئىگىلىك پايتەختى دەپ ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ يىغىندا بىز ئەزەربەيجاننىڭ گۇبا شەھىرىنى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى يېزا ئىگىلىك پايتەختى دەپ جاكارلىدۇق» دېدى.

مىنىستىر يۇماقلى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بايانات بېرىپ، يىغىندا ئىمكانىيەتلىك سىجىل يېزا ئىگىلىكى، ئۆز - ئۆزىگە تايىنىش ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر