ئوتتۇرا ئاسىيا-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى چاقىرىلدى

تۇنجى نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيا-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە چاقىرىلدى.

2039908
ئوتتۇرا ئاسىيا-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە «C5 + 1» فورماتسىيەسىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيا-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى چاقىرىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ساھىبخانلىقىدا چاقىرىلغان يىغىنغا قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توقايېۋ، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ، تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىمام ئەلى راخمان ۋە تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋ قاتناشتى.

رەھبەرلەر تۇنجى قېتىم چاقىرىلغان باشلىقلار يىغىنىدا، «C5 + 1» فورماتسىيەسىدىكى دىيالوگ دائىرىسىدە ئىقتىساد، ئېنېرگىيە ۋە بىخەتەرلىك ساھەلىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇقىملىقى ۋە پاراۋانلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئورتاق خىزمەت ئىشلەش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

باشلىقلار يىغىنىدا، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، سىياسىي دىيالوگ، سودا، ئىقتىساد، مەبلەغ سېلىش ۋە ئىنسانىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك كۆز - قاراشلار، شۇنداقلا ياۋروئاسىيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش مەسىلىلىرى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىندى.

بۇنىڭدىن 8 يىل ئىلگىرى سەمەرقەنتتە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى سەۋىيەسىدە تەسىس قىلىنغان «C5 + 1»  فورماتسىيەسىدىكى دىيالوگنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ھەر ساھەدە ئوچۇق ۋە ئىجابىي دىيالوگ ھەم ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم مۇنبەرگە  ئايلاندۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

رەھبەرلەر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق، تور بىخەتەرلىكى، تېررورىزم، زوراۋانلىق، قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق بىخەتەرلىك خىرىسلىرىنى ھەل قىلىشتا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توقايېۋ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالمۇتادا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافغانىستاندىكى سىجىل تەرەققىيات نىشانلىرى مەركىزى قۇرۇشتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى بايان قىلدى.

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ سودا ۋە مەبلەغ سېلىش پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىش، لايىھە ھەمكارلىقى ئورنىتىش، رايوندا قاتناش كارىدورلىرىنى ئېچىش، كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش، مائارىپ پىروگراممىلىرىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇش، ئافغانىستان مەسىلىسىنى تىنچ ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ، باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش، ئىشەنچنى كۈچەيتىش، بىخەتەرلىك، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، سودا - ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «<C5 + 1> فورماتسىيەسىدىكى دىيالوگنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەمكارلىق قىرغىزىستاننىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ مۇھىم ساھەلىرىنىڭ بىرى.»

تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىمام ئەلى راخمان كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خىرىسلار، تەھدىتلەر، تېررورىزم، ئەسەبىيلىك ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەش، رايون بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئافغانىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى، تاجىكىستاننىڭ ئافغانىستان بىلەن بولغان چېگرا لىنىيەلىرىنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، بۇ جەرياندا خەلقئارالىق قوللاش ۋە ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىن ئاخىرىدا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئىجابىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر