ئەزەربەيجاننىڭ بېيرۇت ئەلچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئەزەربەيجاننىڭ لىۋان پايتەختى بېيرۇتتىكى ئەلچىخانا بىناسى ئەرمېنىيەلىك بىر گۇرۇپپىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

2031347
ئەزەربەيجاننىڭ بېيرۇت ئەلچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەرمېنىيەلىك تەخمىنەن 50 كىشىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ لىۋان پايتەختى بېيرۇتتىكى ئەلچىخانا بىناسى ئەتراپىدىكى رىشاتكىلارنى بۇزۇپ تاشلاپ،  ئەلچىخانا بىناسىغا بوياق ۋە پارتلاتقۇچ دورىلارنى ئاتقانلىقى، بەختكە يارىشا ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ يارىلانمىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «لىۋاننىڭ دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلارنى  قوغداشقا مەسئۇل ئورگىنىغا خەۋەر يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، قانۇن ئىجراچىلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى، ئەمما بۇ ۋاقىتتا ئىغۋاگەرلەر بۇ رايوندىن ئاللىقاچان قېچىپ كەتكەنىدى.»

ئەزەربەيجان ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان جىنايەتچىلەرنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلىشى ۋە تۇتۇلۇشى ئۈچۈن، لىۋان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا نوتا تاپشۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

 ئەلچىخانا بىناسىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى ۋە ھۇجۇمنى تەكشۈرۈش ئىشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر