قىرغىزىستان تىكتوكنى چەكلىدى

قىرغىزىستان مەدەنىيەت، ئۇچۇر، تەنتەربىيە ۋە ياشلار مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى تىكتوكنى مەنئى قىلىش قارارى چىقاردى.

2031478
قىرغىزىستان تىكتوكنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان مەدەنىيەت، ئۇچۇر، تەنتەربىيە ۋە ياشلار مىنىستىرلىقى ئاخبارات مەركىزى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى تىكتوكنىڭ مەنئى قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، نۇرغۇن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن تىكتوكنىڭ بالىلارنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتى ۋە سالامەتلىكىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەرز-شىكايەتلەرنىڭ كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، خۇمار بولۇپ قېلىشقا سەۋەب بولىدىغان ۋىدېئولارنىڭ، ياش ئەۋلادلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، مىنىستىرلىقنىڭ نۇرغۇن ئەرز-شىكايەتلەرنى نەزەردە تۇتقان ھالدا تىكتوكنى مەنئى قىلىش قارارنىڭ چىقىرىلغانلىقى ۋە قارارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن دىجىتال تەرەققىيات مىنىستىرلىقىغا ئىلتىماس سۇنۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بايانات ئاخىرىدا، تىكتوكنى مەنئى قىلىش قارارىنىڭ ھەر قانداق گېئوپولىتىكىلىق مەقسەتكە ئىگە ئەمەسلىكىنى؛ مەزكۇر قارارنىڭ پۈتۈنلەي بالىلارنىڭ ئەخلاقىي تەربىيەسىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ پىسخىكىلىق ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئۇچۇرلاردىن قوغداش ئۈچۈن چىقىرىلغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر