ئىككى تۈرككە قازاقىستان دۆلەت ئوردېنى تەقدىم قىلىندى

ئالمۇتا شەھىرىدە كۆپ قەۋەتلىك بىر تۇرالغۇ بىناسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قاپسېلىپ قالغان بىر ئانا ۋە ئۈچ بالىنى قۇتقۇزۇپ قالغان ئىككى تۈركىيە پۇقراسىغا، دۆلەت ئوردېنى بېرىلدى.

2025515
ئىككى تۈرككە قازاقىستان دۆلەت ئوردېنى تەقدىم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايېۋنىڭ قارارنامەسى بىلەن، ئالمۇتا شەھىرىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن كۆپ قەۋەتلىك بىر تۇرالغۇ بىناسىدا قاپسېلىپ قالغان بىر ئانا ۋە ئۈچ بالىنى قۇتقۇزۇپ قالغان ئىككى تۈرككە، نامايان قىلغان قەھرىمانلىقى سەۋەبىدىن دۆلەت ئوردېنى تەقدىم قىلىندى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئالمۇتا ۋالىي مەھكىمىسىدە مۇكاپات تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا، ۋالىي يەربولات دوسايېۋ ئالمۇتا شەھىرىدە 1-ئاۋغۇست (2023) 16 قەۋەتلىك بىر بىنادا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قەھرىمانلىقىنى نامايان قىلغان شۈكرۈ گۈناي بىلەن خالىل يەردەلەنگە ئاپىرىن ئېيتتى ۋە مۇكاپاتلىرىنى تەقدىم قىلدى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى پىرېزىدېنت توقايېۋنىڭ ئوت ئاپىتىدە كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقى ۋە سادىقلىقى سەۋەبىدىن ئىككى تۈركىيە پۇقراسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە كىشىنى دۆلەت ئوردېنى بىلەن مۇكاپاتلاشقا مۇناسىۋەتلىك قارارنامەنى ئىمزالىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

قازاقىستان دۆلەت ئوردېنىغا لايىق كۆرۈلگەنلەر ئارىسىدا كىراننىڭ شوتىسىغا يامىشىپ چىقىپ ئەڭ يۇقىرى قەۋەتتە قاپسېلىپ قالغان بىر ئانا ۋە ئۈچ بالىنى قۇتقۇزۇپ قالغان تۈركىيە پۇقراسى شۈكرۈ گۈناي بىلەن ئوتتا قاپسېلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسەتكەن كىران شوپۇرى خالىل يەردەلەنمۇ بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر