تەڭرى تېغىدا يوقاپ كەتكەن تۆت نەپەر تاغقا يامىشىش ماھىرىنى ئىزدەش خىزمەتلىرى ئاخىرىلاشتى
قىرغىزىستاننىڭ تەڭرى تېغىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 25 كۈن ئىلگىرى ئالاقىلاشقان ۋە يوقاپ كەتكەن تۆت نەپەر تاغقا يامىشىش ماھىرىنى ئىزدەپ تېپىش خىزمەتلىرى ئاخىرىلاشتى.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تەڭرى تېغىدا 19- ئىيۇلدا تەخمىنەن 6900 مېتىر ئېگىزلىكتە ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان، ئۈچى رۇسىيەلىك ۋە بىرسى لىتۋانىيەلىك تۆت نەپەر تاغقا يامىشىش ماھىرىنى ئىزدەپ تېپىش خىزمەتلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
باياناتتا 4100 مېتىر ئېگىزلىكتە نۆلدىن تۆۋەن 20-30 گرادۇسلۇق تىمپېراتورا ئاستىدا ئىزدەش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بارغان قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭمۇ ھاياتى ئۈچۈن ئىنتايىن خەتەرلىك كوئوردېناتلارغا يېقىنلىشىشنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك مۇمكىن ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، ئەترەتنىڭ ناچار ھاۋارايى شارائىتى ۋە قار كۆچۈش خەۋىپىنى كۆزدە تۇتۇپ قايتىشى قارار قىلىنغانلىقى ۋە تاغقا يامىشىش ماھىرلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنىڭ كۆرسىتىلگەنلىكى تەكىتلەندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.