شىمالىي قىبرىستا ئىچكى كابىنېت ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىندى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ئىچكى كابىنېت ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىندى.

2023566
شىمالىي قىبرىستا ئىچكى كابىنېت ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ دائىرىدە 4 يېڭى مىنىستىر ۋەزىپىگە تەيىنلەندى، بىر مىنىستىرنىڭ ۋەزىپىسى ئۆزگەرتىلدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئۈنال ئۈستەل يېڭى مىنىستىرلار كېڭىشى تىزىملىكىنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتارغا سۇنغاندىن كېيىن،  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۈنال ئۈستەل يېزا ئىگىلىك ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى دۇرسۇن ئوغۇزنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا، ھۈسەيىن چاۋۇشنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ ئۆزدەمىر بەروۋانىڭ مالىيە مىنىستىرى، خاقان دىنچيۈرەكنىڭ سەھىيە مىنىستىرى، سادىق گاردىيائنوغلۇنىڭ ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئالدىنقى مىنىستىرلار كېڭىشىدىن ئورۇن ئالغان  ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى زىيا ئۆزتۈركلەر، مالىيە مىنىستىرى ئەلىشان شان، سەھىيە مىنىستىرى ئىزلەم گۈرچاغ ئالتۇغرا، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرى ھەسەن تاچوي ئىچكى كابىنېتنىڭ سىرتىدا قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر