رۇسىيە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە كونسۇلخانا مۇلازىمىتى باشلىماقچى
رۇسىيە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى لەفكوشادا رۇسىيە پۇقرالىرىنى كونسۇلخانا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى «TASS» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيەنىڭ جەنۇبي قىبرىس رۇم تەرەپ ھاكىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن بىرسى: «پات يېقىندا لەفكوشا شەھىرىنىڭ شىمالىدا كونسۇلخانا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى باشلايمىز. بۇ خىزمەت تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىدۇ» دەپ بايانات ئېلان قىلغان.
مەزكۇر ئەمەلدار سۆزىدە، رۇسىيەنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق رۇسىيە پۇقرالىرىغا قارىتا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مۇھىم قەدەم تاشلايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ پۇقرالىرىنى ئۇزۇندىن بېرى كونسۇلخانا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە تەخمىنەن 50 مىڭ رۇسىيە پۇقراسىنىڭ ياشايدىغانلىقى مەلۇم.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.
ئۆزبېكىستان بىلەن ۋېنگىرىيە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرىدۇ
ئۆزبېكىستاندا ۋېنگىرىيە ۋە ياۋروپا شىركەتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرۇلىدۇ.