قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆل رايونىدا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى
قىرغىزىستاننىڭ شىمالىدىكى ئىسسىق كۆل رايونىدا قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىدە 92 كەنت تالاپەتكە ئۇچرىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىغا قارىغاندا، ئىسسىق كۆل رايونىغا جايلاشقان تۈپ ناھىيەسىگە قاراشلىق تالدى – سۇئۇ، كۆچۈ ۋە قورۇمدۇ كەنتلىرىدە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن.
كەلكۈن ئاپىتىدە مەزكۇر ئۈچ كەنتتە 92 ئۆي ۋە يوللار زىيانغا ئۇچرىغان.
كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىن 103 خادىم 7 ماشىنا بىلەن ئاپەت رايونىدىكى تازىلاش خىزمىتىگە قاتناشقان.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، تۈنۈگۈن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 15.30 ئەتراپىدا دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى چون ساي يېزىسىدىمۇ قىسقا مۇددەت ياغقان قارا يامغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىن باشلانغان تارقاقلاشتۇرۇش ۋە تازىلاش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.