قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان چېگرا مەسىلىسىدە قىسمەن كېلىشتى
قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدىكى 970 كىلومېتىرلىق چېگرانىڭ 503 كىلومېتىرلىق تالاش- تارتىشلىق بۆلىكىنىڭ 101.9 كىلومىتېرى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى مەتبۇئات مەركىزى بايانات ئېلان قىلىپ، مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئېچىلغان يىغىنلار ۋە نۆۋەتتە تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبەدە داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە قىرغىزىستان- تاجىكىستان چېگراسىنىڭ 101.9 كىلومېتىرلىق قىسمىنىڭ بېكىتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
قىرغىزىستان دەتالاشلىق چېگرا رايونىدا 2021- يىلى 28- ئاپرېلدىن 30- ئاپرېلغىچە يۈز بەرگەن توقۇنۇش سەۋەبىدىن 2021- يىلى 5- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن باشلاپ چېگرا مەسىلىسى ھەل بولغىچە تاجىكىستان بىلەن بولغان تاموژنا ئېغىزلىرىنى تاقىۋەتكەنىدى.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى توقۇنۇش 9- ئاينىڭ 14- كۈنى پارتلىغان، ھەر ئىككى تەرەپتىن نەچچە ئون ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.