تۈركمەنىستان: ھازار دېڭىزىدىن ھالقىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى لايىھەسىگە توسالغۇ يوق

تۈركمەنىستان ھازار دېڭىزىدىن ھالقىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھېچقانداق سىياسىي، ئىقتىسادىي ياكى مالىيە ئامىللىرىنىڭ يوقلۇقىنى ئېلان قىلدى.

2016067
تۈركمەنىستان: ھازار دېڭىزىدىن ھالقىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى لايىھەسىگە توسالغۇ يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىنتېرنېت تورىدا تۈركمەنىستان تەبىئىي گازى بىلەن غەربنى تەمىنلەش لايىھەسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش مۇمكىنچىلىكىگە قارىتا خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئورۇن ئالغان ئېنىقلىمىلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، تۈركمەنىستاننىڭ ھازار دېڭىزىدىن ھالقىغان تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نىشانى تەكىتلىنىپ، «بۇ نىشان ئۈچۈن تۈركمەنىستان، ئەزەربەيجان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەتلىك ئېنېرگىيە ئورگانلىرىنىڭ باشلىقلىرىدىن تەركىب تاپقان ئۈچ تەرەپلىك بىرلەشمە مېخانىزم قۇرۇلدى» دېيىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھازار دېڭىزىدىن ھالقىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى لايىھەسىنى «ئىستىقبالى پارلاق لايىھە» قاتارىغا كىرگۈزۈشىنىڭ «تەبىئىي» ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا يەنە، مەزكۇر تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىي شەكىلدە ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«تۈركمەنىستان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھېچقانداق سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مالىيە ئامىلىنىڭ يوقلۇقىغا ئىشىنىدۇ. ھازار دېڭىزىدىن ھالقىغان تۇرۇبا يولى ئىقتىسادىي جەھەتتىن مۇۋاپىق، ياۋرو-ئاسىيانىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشالايدۇ ھەمدە ياۋروپا ئىستېمالچىلىرىنىڭ خام ئەشيا مەنبەسىگە ئۇزۇن مۇددەت ئۈزلۈكسىز ئېرىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۆتىدىغان تەرەپكە روشەن پايدىسى ۋە مەنپەئەتى كۆرۈنەرلىك، ئەمەلىي لايىھە ھېسابلىنىدۇ»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر