قىرغىزىستاندا خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلدى
قىرغىزىستاندا دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا تەكلىپ بېرىش ھوقۇقى بار خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئورنى توغرىسىدىكى قانۇن تەستىقلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپاروۋ 29-ئىيۇن (2023) پارلامېنت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان خەلق قۇرۇلتىيى توغرىسىدىكى قانۇنغا ئىمزا قويدى.
قانۇن بويىچە، خەلق قۇرۇلتىيىغا سايلىنىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سانى، سايلىنىش شەرتلىرى، خەلق قۇرۇلتىيى مۇزاكىرە قىلىدىغان مەسىلىلەر، مەسئۇل ئورگانلار بىر تەرەپ قىلىدىغان مەسىلىلەر ۋە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش تەرتىپلىرى بېكىتىلدى.
2021-يىلى قىرغىزىستاننىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش رېفېراندۇمىدا، «خەلق قۇرۇلتىيى» دەپ ئاتىلىدىغان ئورگاننىڭ قۇرۇلۇشى قوبۇل قىلىنغان ئىدى.
خەلق قۇرۇلتىيى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن جەمئىي 1072 ۋەكىلنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا ئېچىلغان ئىدى. بۇ ۋەكىللەرنىڭ 148 نەپىرى ئايال، 924 نەپىرى ئەر.
بۇ تۇنجى قېتىملىق يىغىندا، ۋەكىللەر قۇرۇلتاينىڭ ئورنى توغرىسىدىكى قانۇننى ماقۇللاشنى تەكلىپ قىلغان ئىدى.
پىرېزىدېنت جاپاروۋ پارلامېنتقا خەلق قۇرۇلتىيى توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسىنى سۇنغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.