شەۋكەت مىرزىيايېۋنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى يەتتە يىل ئۇزاردى

ئۆزبېكىستاندا مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، لىبېرال دېموكرات پارتىيەسىنىڭ نامزاتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ %87.05 ئاۋازغا ئېرىشىپ قايتىدىن پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان.

2009148
شەۋكەت مىرزىيايېۋنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى يەتتە يىل ئۇزاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستاندا مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، لىبېرال دېموكرات پارتىيەسىنىڭ نامزاتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ %87.05 ئاۋازغا ئېرىشىپ قايتىدىن پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان ۋە بۇ سايلام بىلەن ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى يەنە يەتتە يىل ئۇزارغان.

ئۆزبېكىستاندا 30-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن رېفېنراندۇمدا ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، تۈنۈگۈن (9-ئىيۇل) مۇددەتتىن بۇرۇن پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى.

سايلامدا، پارلامېنتنىڭ تۆۋەن قانىتى بولغان قانۇن چىقىرىش مەجلىسىدىكى بەش پارتىيە نامزات كۆرسەتكەن تۆت كىشى ئۆزئارا رىقابەتلەشتى.

مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ باشلىقى زەينىددىن نىزامخوجايېۋ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ھازىرقى پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيايېۋنىڭ دېموكراتىيە پىرىنسىپلىرىغا، دۆلەت قانۇنى ۋە خەلقئارالىق قانۇنلارغا ئۇيغۇن ھالدا %87.05 ئاۋازغا ئېرىشىپ، قايتىدىن پىرېزىدېنتلققا سايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ 15 مىليون 651 مىڭ 405 سايلىغۇچىنىڭ ئاۋاز تاشلىغانلىقىنى، بۇ ساننىڭ تىزىمغا ئېلىنغان سايلىغۇچىلارنىڭ %79.88 نى ئىگىلەيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ خەلق دېموكرات پارتىيەسىنىڭ نامزاتى ئۇلۇغبېك ئىنوياتوۋنىڭ %4.02 ئاۋازغا، ئۆزبېكىستان ئېكولوگىيە پارتىيەسىنىڭ نامزاتى ئابدۇشۇكۈر ھامزايېۋنىڭ %3.74 ئاۋازغا، ئادالەت ۋە سوتسىيال دېموكرات پارتىيەسىنىڭ نامزاتى روبا مۇھەممەدوۋنىڭ %4.43 ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئاخىرىدا، ھازىرغىچە سايلامدا سايلامغا خىلاپ ھېچقانداق ئەرز-شىكايەتلەرنىڭ بىلدۈرۈلمىگەنلىكىنى قوشۇمچە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر