ئۆزبېكىستان مۇددەتتىن بۇرۇنقى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ بالدۇر بېلەت تاشلاش جەريانى ئاخىرلاشتى

9- ئىيۇل ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۆزبېكسىتان مۇددەتتىن بۇرۇنقى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ «بالدۇر بېلەت تاشلاش» جەريانى ئاخىرلاشتى.

2008208
ئۆزبېكىستان مۇددەتتىن بۇرۇنقى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ بالدۇر بېلەت تاشلاش جەريانى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان مەركىزى سايلام كومىتېتى يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام ئۈچۈن 28 – ئىيۇن باشلانغان «بالدۇر بېلەت تاشلاش» جەريانىنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە ئاخىرلاشقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، بالدۇر بېلەت تاشلاش جەريانىدا 100 مىڭى چەت ئەللەردە بولۇپ، جەمئىي  400 مىڭدىن ئارتۇق سايلىغۇچى بېلەت تاشلىغان.

ئۆزبېكسىتان سايلام قانۇنىغا ئاساسەن، سايلام كۈنى تىزىمغا ئالدۇرغان رايونىدا بولمىغان سايلىغۇچىلار سايلام مەركەزلىرىگە ئورۇنلۇق سەۋەبلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇراجىئەتنامىلەرنى سۇنۇش ئارقىلىق «بالدۇر بېلەت تاشلاش» پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇم ئارقىلىق ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ماقۇللانغاندىن كېيىن، ئۆزبېكسىتاندا مۇددەتتىن بۇرۇن پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغانىدى.

سايلامدا ئۆزبېكىستان لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن يەنە بىر قېتىم نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيايېۋ، خەلق دېموكراتىك پارتىيەسى نامزاتى ئۇلۇغبەك ئىناياتوۋ، ئۆزبېكىستان ئېكولوگىيە پارتىيەسى نامزاتى ئابدۇشۈكۈر ھامزايېۋ ۋە ئادالەت سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى نامزاتى روبا مەھمۇدوۋا قاتارلىقلار رىقابەتلىشىۋاتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر