قىرغىزىستاندا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا تەييارلىنىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەر قولغا ئېلىندى

قىرغىزىستاندا ھۆكۈمەتكە قارشى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا تەييارلىنىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەر قولغا ئېلىندى.

1996044
قىرغىزىستاندا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا تەييارلىنىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەر قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، قىرغىزىستاندا مەملىكەت بويىچە كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈش، زور كۆلەملىك ئىسيان كۆتۈرۈش ئارقىلىق زورلۇق بىلەن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن مەخپى تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر تۈركۈم شەخسلەرنىڭ قانۇنسىز پائالىيەتلىرى ئېنىقلانغان.

سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى بويىچە قولغا چۈشۈرۈلگەن مەلۇماتلار ۋە يىغىۋېلىنغان ئۈن – سىن ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن بىر قاتار تەكشۈرۈشلەر باشلانغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، تەكشۈرۈش داۋامىدا 30 دىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىنغان. سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش تەشەببۇسىنىڭ باشلامچىسى ئەلدىك كەنەش (خەلق مەجلىسى) پارتىيەسىڭ رەھبىرى روزا نۇرماتوۋا بىلەن بىرلىكتە تۆت پائالىيەتچى قولغا ئېلىنغان.  

تەكشۈرۈشلەر داۋامىدا، مەزكۇر جىنايەت تەشكىلاتنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئادەم توپلاش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى، مەزكۇر سىياسىي پارتىيە رەھبىرىنىڭ ھاكىمىيەتنى زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىش پىلانى تۈزۈپ، داۋاملىق مەخپىي يىغىلىشلارنى تەشكىللىگەنلىكى، بۇ تەشكىلىي گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق كىشىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقى ئېنىقلانغان.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «مەزكۇر جىنايەت تەشكىلاتى چەت ئەلنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشىش، ھەر قانداق سەۋەب بىلەن جەمئىيەتتە قالايمىقانچىلىق ئوتتۇرىغا چىققان ھامان سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ھەرىكىتىنى باشلاشنى پىلانلىغان.»

 باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشنى پىلانلىغان بۇ «سىياسىي سۈيىقەستچىلەر» كەڭ دائىرىلىك تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر