ئەزەربەيجان ئىرانغا ساياھەتكە بارماسلىق ھەققىدە پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى

ئەزەربەيجان پۇقرالىرىنىڭ مەجبۇر بولمىغان ئەھۋالدا ئىرانغا ساياھەتكە باراسلىقى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.

1994960
ئەزەربەيجان ئىرانغا ساياھەتكە بارماسلىق ھەققىدە پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، يانۋاردا ئەزەربەيجاننىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمى ئەسكەرتىلىپ، ئەزەربەيجان پۇقرالىرىنىڭ مەجبۇر بولمىغان ئەھۋالدا ئىرانغا ساياھەتكە باراسلىقى كېرەكلىكى، ساياھەتكە بارغانلارنىڭ بولسا، قاتتىق دىققەت قىلىشى لازىملىقى تەۋسىيە قىلىندى.

باياناتتا، ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەزەربەيجان پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىك قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىشى كېرەكلىكى، زۆرۈر تېپىلغاندا تەبرىزدىكى باش كونسۇلخانا بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئەزەربەيجاننىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا 27-يانۋاردا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا، ئەلچىخانىنىڭ بىخەتەرلىك باشلىقى قازا قىلغان ۋە 2 نەپەر بىخىەتەرلىك خادىمى يارىلانغان ئىدى.

ئەزەربەيجان ھۇجۇمغا قارىتا تېرورلۇق ھەرىكىتى دەپ باھا بەرگەن ۋە تېھراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ پائالىيىتىنى ۋاقتىنچە توختاتقان ئىدى.

ۋەقەدىن كېيىن ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مەسئۇللىرى بىر بىرىنى ئەيىبلەش خاراكتېرلىق  باياناتلاردا بولغان ۋە ئەزەربەيجان ئىراننىڭ 4 دىپلوماتىيە خادىمىنى، ئىرانمۇ ئەزەربەيجاننىڭ 4 دىپلوماتىيە خادىمىنى «ياختۇرۇلمايدىغان كىشى» ئېلان قىلغان ئىدى.

ئەزەربەيجاندا ئىران ئىستىخباراتى بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ قارالغان كىشىلەرگە قارشى ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلىپ، نۇرغۇن كىشى قولغا ئېلىنغان ئىدى.

ئىرانغا قارشى كۆز قاراشلىرى بىلەن تونۇلغان ئەزەربەيجانلىق سىياسەتچىسى فازىل مۇستافا 28-مارتتا ئۆيىنىڭ ئالدىدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ يارىلانغان ۋە ئەزەربەيجان دائىرىلىرى بۇ ھۇجۇمغا قارىتا «ئىران مەنبەلىك تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ باھا بەرگەن ئىدى.

پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ بىر يىغىندا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، «ئەزەربەيجان بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى» ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر