مۇستاپا شەنتوپ ئەزەربەيجاننىڭ مۇستەقىللىق بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى مۇستاپا شەنتوپ تۈنۈگۈن (28-ماي) ئەزەربەيجان مۇستەقىللىقىنىڭ 105 - يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

1992188
مۇستاپا شەنتوپ ئەزەربەيجاننىڭ مۇستەقىللىق بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستاپا شەنتوپ ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا«# TekMilletİkiDevlet» (بىر مىللەت ئىككى دۆلەت) دېگەن خەتكۈچ بىلەن ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

مۇستاپا شەنتوپ ئۇچۇرىدا: «دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت جان ئەزەربەيجاننىڭ 28-ماي مۇستەقىللىق بايرىمى مۇبارەك بولسۇن، ۋەتەن  ئۈچۈن شۇنداقلا مۇستەقىللىق ئۈچۈن شېھىت بولغان قەھرىمانلىرىمىزنى ھۆرمەت ۋە ئاللاھتىن رەھمەت تىلەش بىلەن ئەسلەيمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر