بغېمېن ئىشتاتىدا تۈرك نامزاتلار پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلاندى

گېرمانىيەنىڭ بغېمېن (Bremen) ئىشتاتىدا 14-ماي ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا مىللىتى تۈرك 10 نامزات پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلاندى.

1989039
بغېمېن ئىشتاتىدا تۈرك نامزاتلار پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ بغېمېن ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا، رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، سوتسىيال دېموكرات پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى مۇستافا گۈنگۆر، مەھمەت ئەلى سەۋرەك، رەجائى ئايتاش، مەدىنە يىلدىز ۋە سەلىن ئەجە ئارپاز؛ خىرىستىيان دېموكرات بىرلەشمە پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى ئوغۇزخان يازىجى؛ يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى سۈلمەز چولاق؛ سول پارتىيەنىڭ ئەزاسى جىندى تۇنجەل، مۇخلىس كوجائوغلۇ؛ غەزەپلەنگەن پۇقرالار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى مەلتەم ساغىرئوغلۇ قاتارلىقلار پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان.

بغېمېن ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، كېڭەش پالاتاسىدا خىزمەت قىلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرى ئىشتاتلىق پارلامېنتنىڭ ئەزالىقىدىن ئىستېپا بېرىدۇ. بۇنداق بولغاندا، زاپاس ئەزالار ئىچىدىن پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلىنىدىغانلار بولغاچقا، تۈرك مىللىتىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى كۆپىيىشى مۇمكىن.

ئىشتاتتا 14ماي ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا، تۈرك مىللىتىدىن بولغان 17 نامزات ئۆزئارا رىقابەتلەشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر