مۇستافا شەنتوپ تۈرك دۆلەتلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق ئىرادىسىنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى ئيتتى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىس (پارلامېنتى)  باشلىقى مۇستافا شەنتوپ تۈرك دۆلەتلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق ئارقىلىق يولنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى ئيتتى

1981038
مۇستافا شەنتوپ تۈرك دۆلەتلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق ئىرادىسىنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى ئيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىس (پارلامېنتى)  باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئەزەربەيجان پارلامېنتى باشلىقى ساھىبجامال غافاروۋا، قىرغىزىستان پارلامېنتى باشلىقى نۇرلانبېك شاكىيېۋ ۋە قازاقىستان پارلامېنتى باشلىقى يېرلان كوشانوۋ بىلەن 12 – نۆۋەتلىك تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنتلار بىرلىكى (TÜRKPA) نىڭ ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.

 مۇستافا شەنتوپ تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنتلار بىرلىكى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيە بولۇش سۈپىىتمىز بىلەن بىز ماڭغان بۇ قۇتلۇق يولدا،  مانا بۈگۈن ۋېنگىرىيە، تۈركمەنىستان، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ پارلامېنت رەئىسلىرى شۇنداقلا  ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولماقتىمىز» دېدى.

مۇستافا شەنتوپ ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا مۇستەقىل تۈرك دۆلەتلىرى پارلامېنتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە يۆنىلىش بەلگىلەش ۋە تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنتار بىرلىكى (TÜRKPA)  نىڭ خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەر خىل باھالاشلاردا بولغانلىقلىرىنى ھەمدە قارارلارنى ماقۇللىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ھەم دۇنيا دۇچ كەلگەن خەۋپلەرنى، ھەم مۇستەقىل تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقئارالىق تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا قوشىدىغان تۆھپىلىرىنى مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى ئېيتتى.

مۇستافا شەنتوپ مۇستەقىل تۈرك دۆلەتلىرى پارلامېنتلىرى ئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە پارلامېنت ئەزالىرى دىپلوماتىيەسىنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئېلىپ، «ئورتاق كېلەچىكىمىزگە قاراپ يول يۈرىش شۇنداقلا ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق بىلەن يولىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىمىزنى جەزملەشتۈردۇق» دېدى.

مۇستافا شەنتوپ ئەزەربەيجاننىڭ رەھبەرلىكىدە باشلانغان تەرەپسىزلەر ھەرىكىتى پارلامېنت ئەزالىرى تورىنىڭ تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنتلار بىرلىكى (TÜRKPA) غا كۈزەتكۈچى ئەزا بولۇشى ھەمدە  <TÜRKPA> نىڭمۇ بۇ تورغا كۈزەتكۈچى سۈپىتىدە ئەزالىققا ئىلتىماس سۇنۇشى توغرىسىدا قارار ماقوللىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەڭ مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنىڭ بىرسى؛ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۈزەتكۈچى ئەزا بولىشىنىڭ رەسمىي قارار قىلىنغانلىقى بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر