ئىلھام ئەلىيېۋ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانى زىيارەت قىلدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە يېڭى دەۋرنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

1974646
ئىلھام ئەلىيېۋ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ تۇنجى قېتىملىق بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا زىيارىتىدە، پايتەخت سارايېۋۇدا بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ باشلىقى ۋە سېرب ئەزاسى زېلىكا جۋىژانوۋىج ، كېڭەشنىڭ خىرۋات ئەزاسى زېلژكو كومسىج ۋە بوشناق ئەزاسى دېنىس بېجىرەۋىج قاتارلىق رەھبەرلەر تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىندى.

پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرشىشتىن كېيىن سۆز قىلىپ، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ قاراباغ ئۇرۇشىدا ئۆزلىرىنى قوللىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق سەۋەبىدىن بىز سىلەردىن مىننەتدار. بۈگۈن مۇناسىۋەتلىرىمىزدە يېڭى دەۋر باشلىنىدۇ. ئىقتىسادىي ساھەدىكى مۇناسىۋەتلىرىمىزنى كۈچەيتىمىز. ئىستراتېگىيەلىك ساھەدىمۇ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىقلار بولىدۇ.»

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ باشلىقى زېلىكا جۋىژانوۋىج ئەزەربەيجان بىلەن ھەمكارلىقلاردا يېڭى دەۋرنى باشلىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئەزەربەيجانغا بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا كەلكۈن ئاپىتى  يۈز بەرگەن قىيىنچىلىق كۈنلەردە ياردەم قولىنى سۇنغانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتتى.

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى  (Kovid-19 ) مەزگىلىدە ئەزەربەيجاننىڭ چوڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ، ئەزەربەيجاننىڭ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا نۇرغۇن لايىھەلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىلكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ بۈگۈن (13-ئاپرېل) ئىمزالانغان ئەزەربەيجان -بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك خىتابنامەسىنىڭ ئۆزئارا سىياسىي دىيالوگ بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق نۇقتىلىرىنى يورۇتۇپ بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئەزەربەيجاننىڭ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا ئەلچىخانا ئاچقانلىقىنى، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭمۇ باكۇدا ئەلچىخانا ئېچىشنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر