ئەزەربەيجان بىلەن بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئەزەربەيجان بىلەن بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ئوتتۇرىسىدا «تەبىئىي ۋە باشقا ئاپەتلەردىن قوغدىنىش ساھەسى بويىچە ھەمكارلىق كېلىشىمى» ئىمزالاندى.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا بىخەتەرلىك مىنىستىرى نېناد نېسىچ ئۇچرىشىشلاردا بولۇش ئۈچۈن ئەزەربەيجانغا يېتىپ باردى ۋە ئەزەربەيجاندا جىددىي ئەھۋاللار مىنىستىرى كامالەددىن ھەيداروۋ بىلەن كۆرۈشتى.
ئۇچرىشىشىتىن كېيىن، نېسىچ بىلەن ھەيداروۋ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا «تەبىئىي ۋە باشقا ئاپەتلەردىن قوغدىنىش ساھەسى بويىچە ھەمكارلىق كېلىشىمى» ئىمزالىدى.
نېسىچ ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، مەرھۇم پىرېزىدېنت ھەيدەر ئەلىيېۋنىڭ قەبرىسىنى ۋە 20-يانۋار شېھىتلىرى دەپنە قىلىنغان قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.