ئەرسىن تاتار مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا مۇھىم سۆز قىلدى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار تۈركىيەنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقتا باراۋەر ۋە تەڭ دەرىجىلىك خەلقئارالىق سالاھىيەت سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1968655
ئەرسىن تاتار مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى جەريانىدا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقتا باراۋەر ۋە تەڭ دەرىجىلىك خەلقئارالىق سالاھىيەت سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تاتار پايتەخت لەفكوشادىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە، تۈركىيە مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى فۇئات ئوكتاينى قوبۇل قىلدى ۋە ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندىكى ئۇچرىشىشلار جەريانىدا گىرېتسىيە بايرىقى كۆتۈرۈۋالغان بىر گۇرۇپپىنىڭ يىغىنغا ئۈسۈپ كىرىشىنى توسۇش تىرىشچانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ: «شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تۈركىيەنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقتا باراۋەر ۋە تەڭ دەرىجىلىك خەلقئارالىق سالاھىيەت سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ ئىدىيەسى بىزنىڭ پىكىر قىلىش ھوقۇقىمىزغا ئىجابىي قارىماي، چىدىماسلىق قىلماقتا. بۇ قارشى تەرەپ بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ پەقەت ئىگىلىك ھوقۇقتا باراۋەرلىك ئاساسىدىلا ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى» دېدى.

ئەرسىن تاتار تۈنۈگۈن (2-ئاپرېل) تۈركىيە بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا 2023-يىللىق ئىقتىسادىي ۋە پۇل-مۇئامىلە ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ ئىمزالانغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نۇرغۇن لايىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كېلىشىمنىڭ خەيرىلىك بولۇشىنى تىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر