تۈركمەنىستاندا سايلام باشلاندى

تۈركمەنىستاندا پارلامېنت ئەزالىرى، خەلق مەسلىھەت كېڭىشى ئەزالىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئەزالىرىنى سايلاش باشلاندى.

1965057
تۈركمەنىستاندا سايلام باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركمەنىستاندا سايلام ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان 2644 بېلەت ساندۇقى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 07:00 دە ئېچىلدى.

تۈركمەنىستان مەركىزى سايلام ۋە رېفېراندۇم ھەيئىتى تەرىپىدىن تىزىملىكى ئېلان قىلىنغان 3 مىليون 496 مىڭ 475 سايلىغۇچى، كەلگۈسى 5 يىل  بويىچە تۈركمەنىستان پارلامېنتىدا ئۆزلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن خەلق مەسلىھەت كېڭىشى ئەزالىرىنى شۇنداقلا يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋەكىللىرىنى سايلاش ئۈچۈن بېلەت تاشلايدۇ.

تۈركمەنىستان  مۇستەقىل بولغاندىن بۇيانقى 7 - نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى، 5 - نۆۋەتلىك رايونلۇق ۋە ۋىلايەتلىك خەلق مەسلىھەت كېڭىشى ئەزالىرى  بىلەن 9 - نۆۋەتلىك يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى سايلىنىدىغان سايلامدا، تۈركمەنىستان دېموكراتىك پارتىيەسى، تۈركمەنىستان سانائەتچىلەر ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر پارتىيەسى ھەمدە  تۈركمەنىستان دېھقانچىلىق پارتىيەسى قاتارلىق 3 سىياسىي پارتىيە ۋە خەلق تەشەببۇسى گۇرۇپپىسىنىڭ نامزاتلىرى رىقابەتكە چۈشىدۇ.

پارلامېنت ئەزاسى سايلىمى ئۈچۈن 3 سىياسىي پارتىيەدىن جەمئىي 175 نامزات ۋە  ئاممىۋى تەشەببۇسكارلىق گۇرۇپپىلىرىدىن 83 مۇستەقىل نامزات بولۇپ، جەمئىي 258 نامزات پارلامېنتتىكى 125 ئورۇن ئۈچۈن رىقابەتلىشىۋاتىدۇ.

سايلامدا 2885 يەرلىك ۋە تەخمىنەن 80 خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى كۆزەتكۈچىلىك قىلىدۇ.  

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 18 يېشىغا توشقان 75 مىڭ 606  يېڭى سايلىغۇچى سايلامدا تۇنجى قېتىم بېلەت تاشلايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر