تۈركمەنىستان ئاپەت رايونىغا ياردەم يوللىدى

تۈركمەنىستان ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن «قىزىل يېرىمئاي» خەير-ساخاۋەت ئورگىنى تۈركىيەدىكى ئاپەت رايونلىرىغا ياردەم بۇيۇملىرى يوللاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1954825
تۈركمەنىستان ئاپەت رايونىغا ياردەم يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركمەنىستان ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن «قىزىل يېرىمئاي» خەير-ساخاۋەت ئورگىنى تۈركىيەنىڭ ئاشخاباتتىكى ئەلچىخانىسى بىلەن ماسلىشىپ، 6 – فېۋرالدىكى قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارغا 11 توننا ئەتراپىدا ياردەم يوللىدى.

تۈركمەنىستان ئاياللار بىرلەشمىسى تەخمىنەن 4.1 توننا يېمەك – ئىچمەك، قزىل يېرىم ئاي جەمئىيىتى تازىلىق ماتېرىياللىرى، كىيم – كېچەك ۋە يېمەك – ئىچمەكتىن تەركىب تاپقان 6.8 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى يۈك ئاپتوموبىللىرىغا بېسىپ، ئاپەت رايونىغا يوللىدى.

تۈركمەنىستان ئاياللار بىرلەشمىسى 28 – فېۋرالدا تۈركىيەنىڭ ئاشخاباتتىكى ئەلچىخانىسى بىلەن ماسلىشىپ، يەر تەۋرەش رايونىغا 8.6 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇمى ئەۋەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر