تۈركىيەنىڭ ئاشخابادتىكى ئەلچىخانىسى تۈركمەنىستاندىن ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم يوللىدى
تۈركىيەنىڭ ئاشخابادتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن، قاھرامانماراشتا 6 – فېۋرال يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا 1100 ئەدىيال ۋە 89 كارىۋات يوللاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئاشخابادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى توگان ئورال تىۋىتتېر ئادرېسىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، «ئەلچىخانىمىزنىڭ ماسلىشىشى بىلەن يەر تەۋرەش رايونىغا بۈگۈن (28-فېۋرال) ئەتىگەن تۈركمەنىستاندىن 1100 ئەدىيال ۋە 89 كارىۋات ئەۋەتتۇق. ئىئانە قىلغان پۇقرالىرىمىزغا، تۈركمەنىستاندىكى شىركەتلىرىمىزگە ۋە تۈركمەنىستان قىزىلئاي جەمئىيىتىگە رەھمەت ئېيتىمىز» دېيىلدى.
تۈركمەنىستاندىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە تۈركىيەنىڭ ئاشخابادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ياردەم سەپەرۋەرلىكى نەتىجىسىدە، ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا بۈگۈنگىچە 8 مىڭ 71 ئەدىيال، 390 كارىۋات، 20 گېنېراتور، 60 ئىسسىتقۇچ، ئالتە كۆچمە ھاجەتخانا، 11 توننىدىن 15 توننىغىچە كىيىم - كېچەك، 44 توننىدىن 46 توننىغىچە داۋالاش بۇيۇملىرى ۋە 67 توننا يېمەكلىك ئەۋەتىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.