تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى ئەردوغاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى
تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەمەدوۋ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹تۈركمەنىستان› گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەمەدوۋ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېگرامما يوللاپ، ئەردوغاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەن، ھەمدە ئۇنىڭغا ئېسەنلىك، بەخت – سائادەت ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىگەن.
بەردىمۇھەمەدوۋ تېلېگراممىسىىدا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تۈركىيە – تۈركمەنىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە ھەم قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىمىزگە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىمىز، بۇنىڭ كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ قۇدرەت تېپىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.»
تۈركمەنىستان خەلق مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى گۇربانگۇلى بەردىمۇھەمەدوۋمۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ تېلېگرامما يوللىدى.
ئۇ تېلېگراممىسىدا، تۈركمەنىستان – تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقانلىقى ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
1954 – يىلى 26 – فېۋرال كۈنى دۇنياغا كەلگەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۇغۇلغان كۈنى تۈنۈگۈن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بەتلىرىدىكى سەھىپىلىرىدىمۇ مىڭلارچە ئۇچۇرلار ئارقىلىق تەبرىكلەنگەنىدى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ ۋە سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندار ۋۇجىچ قاتارلىق رەھبەرلەرمۇ تېلېفون قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.