قازاقىستاننىڭ جەنۇبىدىمۇ يەر تەۋرىدى

قازاقىستان دۆلەتلىك گېئولوگىيە ۋە تەتقىقاتلار مەركىزى (SOME) دۆلەتنىڭ جەنۇبىدا 5.4 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1942678
قازاقىستاننىڭ جەنۇبىدىمۇ يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان دۆلەتلىك گېئولوگىيە ۋە تەتقىقاتلار مەركىزى دۆلەتنىڭ جەنۇبىدا يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

قەيت قىلىنىشىچە، يەر تەۋرەش بۈگۈن (2023-يىلى 6-فېۋرال) شۇ يەر ۋاقتى 19 دىن 2 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن بولۇپ، يەر تەۋرىگەن جاي ئالمۇتا شەھىرىنىڭ غەربىگە 628 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

يەر تەۋرەشنى چىمكەنت ۋە تاراز شەھەرلىرىدىمۇ ھېس قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر