ئەزەربەيجان ۋە رۇسىيە لاچىن كارىدورى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيخۇن بايراموۋ لاچىن كارىدورىنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

1940553
ئەزەربەيجان ۋە رۇسىيە لاچىن كارىدورى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جەيخۇن بايراموۋ بىلەن سېرگېي لاۋروۋنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار جەيخۇن بايراموۋنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشقان ئەزەربەيجان زېمىنلىرىدا كان بايلىقلىرىنى قانۇنسىز ئېچىش ۋە لاچىن كارىدورىدىن قانۇنسىز پايدىلىنىش قىلمىشلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەرنىڭ تېخىچە ئورۇنلانمىغانلىقىنى، مۇھاسىرە ۋە ئىنسانىي ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك گەپ-سۆزلەرنىڭ ھېچقانداق ئاساسىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئۇ ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجان زېمىنلىرىنى 30 يىل بويىچە ئىشغال قىلىۋالغان بولسىمۇ، ئىككىنچى قاراباغ ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەزەربەيجاننىڭ ئەرمېنىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپلەرنى سۇنغانلىقىنى، تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئەرمېنىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكلىرىنىڭ بۇلارغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەزەربەيجان 2022-يىلى 10-دېكابىر ئەرمەنلەر ياشايدىغان ۋە رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشقان ئەزەربەيجان زېمىنلىرىدا كان بايلىقلىرىنىڭ قانۇنسىز ئېچىلىشى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە مۇھىتقا قىلىنغان بۇزغۇنچىلىقلارنى تەكشۈرۈش مەقسىتىدە رايونغا بىر تۈركۈم مۇتەخەسسىسلەرنى ئەۋەتكەن، ئەمما ئەرمەنلەر تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان ئىدى.

بۇنىڭ بىلەن، ئەزەربەيجان مۇھىت قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى ۋە بەزى پائالىيەتچىلەر 12-دېكابىر ئەزەربەيجان زېمىنلىرىدىكى كان بايلىقلىرىنى قانۇنسىز ئېچىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلىپ، لاچىن كارىدورىدا نامايىش باشلىغان ئىدى.

نامايىشچىلار ئەزەربەيجان زېمىنلىرىدىكى ئەرمەنلەرنىڭ كېلىش-كېتىش ئىشلىرىدا پايدىلىنىدىغان لاچىن كارىدورى يولىدا «ئېكولوگىيەلىك تېررورلۇق ئاخىرلاشتۇرۇلسۇن» شوئارلىرى ئاستىدا تەلەپلىرىنى يەتكۈزۈشكە تىرىشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر