تۈركىيەنىڭ غازىماغۇسا شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسى بەزى مۇلازىمەتلەرنى باشلىدى

تۈركىيەنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە غازىماغۇسا شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسى بەزى مۇلازىمەتلەرنى باشلىدى.

1933536
تۈركىيەنىڭ غازىماغۇسا شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسى بەزى مۇلازىمەتلەرنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پايتەختى لەفكوشادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، غازىماغۇسا شەھىرىدىكى كونسۇلخانىنىڭ 2023 - يىلى 16 - يانۋاردىن ئېتىبارەن ۋاقىتلىق ئىشخانىسىدا ئادرېس باياننامىسى، نوپۇس ئېلىش، ئە - دۆلەت يۇمتال مەخپىي نومۇرى ۋە ئەدلىيە ئارخىپى مەلۇماتى قاتارلىق كونسۇلخانا مۇلازىمەتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى ھەمدە  باشقا كونسۇلخانا مۇلازىمەتلىرىنىڭ باشلىنىدىغان ۋاقتىنىڭ كېيىنچە ئېلان قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

تۈركىيەنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىكى بارلىق كونسۇلخانا مۇلازىمەتلىرى ئىلگىرى پەقەت لەفكوشا كونسۇلخانىسى ئارقىلىقلا تەمىنلەنمەكتە ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر