قازاقىستان: نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ بىر قاتار سالاھىيەت ۋە ھوقۇقلىرى ئىناۋەتسىز
قازاقىستان ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى سابىق پىرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايېۋغا بېرىلگەن بىر قاتار سالاھىيەت ۋە ھوقۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇننىڭ ئىناۋەتسىز قىلىنىشىنى تەستىقلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مەزكۇر قانۇننىڭ، 5 – ئىيۇن كۈنى (2022) دۆلەت مىقياسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇن رېفېراندۇمىنىڭ نەتىجىلىرىگە ئاساسەن چىقىرىلغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى پىرېزىدېنتى-ئەلباشى ھەققىدىكى قانۇننىڭ يېڭىلانغان ئاساسىي قانۇندا كۈچكە ئىگە قىلىنىشىنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسى يوقتۇر، شۇ ۋەجىدىن، بۇ قانۇن ئىناۋەتسىزدۇر.»
قازاقىستان ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، نۇرسۇلتان نەزەربايېۋغا تۇنجى پىرېزىدېنت سۈپىتىدە بىر قاتار سالاھىيەت ۋە ھوقۇقلار بېرىلگەن ماددىلار ئاساسىي قانۇندىن چىقىرىۋېتىلىدىكەن.
بۇ ئەھۋال نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ ئاساسىي قانۇن تەرىپىدىن كاپالەت ئاستىغا ئېلىنغان تەكشۈرۈلمەسلىك ھوقۇقىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن. ئەمما، ئۇنىڭ ئائىلىسى تەكشۈرۈلمەسلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولۇپ قالىدىكەن.
ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىدىن تەشكىل تاپىدىغان قازاقىستان پارلامېنتى، كېلەر ھەپتە بىرلەشمە يىغىندا بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.
ئۆزبېكىستان بىلەن ۋېنگىرىيە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرىدۇ
ئۆزبېكىستاندا ۋېنگىرىيە ۋە ياۋروپا شىركەتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرۇلىدۇ.