قىرغىزىستان: ھەرىكەت پىلانى ب د ت دا قوبۇل قىلىندى

قىرغىزىستان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 77 – نۆۋەتلىك -يىغىنىدا «تاغلىق رايونلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ 5 يىللىق ھەرىكەت پىلانى» نىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

1919977
قىرغىزىستان: ھەرىكەت پىلانى ب د ت دا قوبۇل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 77 – نۆۋەتلىك يىغىنىدا، قىرغىزىستاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان  «تاغلىق رايونلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ 5 يىللىق ھەرىكەت پىلانى» قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇ قارار، قىرغىزىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاغلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىكەن.

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ سېنتەبىر ئېيىدا چاقىرىلغان 77 – نۆۋەتلىك يىغىنىدا، 2023-يىلدىن 2027-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا تاغلىق رايونلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ 5 يىللىق ھەرىكەت پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك تەشەببۇسىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر