توقايېۋ قازاقىستاندا چارلېز مىشېلنى كۈتۈۋالدى
ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى چارلېز مىشېل قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ بىلەن كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت قاسىم جۆمەرت توقايېۋنىڭ پايتەخت ئاستانەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان چارلېز مىشېلنى ئاقئوردا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدە كۈتۈۋالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، پىرېزىدېنت توقايېۋ بىلەن مىشېل يېشىل ئىقتىساد، قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى مەسىلىسى، ئېنېرگىيە ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا-ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا تەسىرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان.
ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا، تەرەپلەرنىڭ قازاقىستان بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقنى، بولۇپمۇ كىلىمات ئۆزگىرىشى، سۇ بايلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش شۇنداقلا ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ قازاقىستانغا يۈزلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە، توقايېۋ بىلەن مىشېلنىڭ، ياۋروپا بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى خەلقئارالىق قاتناش كارىدورىنى كېڭەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.