تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىماممئەلى راھمان پۇتىننى تەنقىدلىدى

تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىمامئەلى راھمان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىندىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.

1893191
تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىماممئەلى راھمان پۇتىننى تەنقىدلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا-رۇسىيە باشلىقلار يىغىنىنىڭ يېپىق بۆلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان سۈرەتلەرگە قارىغاندا، تاجىكىستان پىرېزىدېنتى راھمان رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىنغا خىتاب قىلغان.

ئۇ سۆزىدە، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ باراۋەر ئەمەسلىكىدىن ئاغرىنىپ، رۇسىيەنىڭ ئۆزى كۆڭۈل بۆلىدىغان يېمەكلىك ساھەسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى، ئەمما شېرىكلىرىگە بۇ جەھەتتە باراۋەر مۇئامىلە قىلمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پىرېزىدېنت راھمان، تاجىكىستان خەلقىنىڭ سانىنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ 100-200 مىليون نوپۇسقا ئىگە دۆلەت ئەمەسلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «ئەمما بىزنىڭ ئۆز تارىخىمىز، مەدەنىيىتىمىز ۋە خەلقىمىز بار. ھۆرمەتلىنىشنى خالايمىز. بىز نامرات (دۆلەت) ئەمەسمىز، يەر ئاستى بايلىقلىرى مول بىر دۆلەتمىز. بىز ئىستراتېگىيەلىك شېرىكىمىز بولغان رۇسىيەنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئىزچىل ھۆرمەت قىلىپ كەلدۇق، بىزمۇ بىزگە ھۆرمەت بىلدۈرۈلۈشىنى ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش باراۋەر مۇئامىلە قىلىنىشىنى خالايمىز. نۇرغۇن پۇل خەجلەشنىڭ ھاجىتى يوق» دېگەن.

يىغىنغا ساھىبخانلىق قىلغان قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋنىڭ تاجىكىستانلىق مەنسەپدىشىنىڭ سۆزىنى كېسىپ، سۆزلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلىشىدىن كېيىن، ئىمامئەلى راھمان پۇتىنغا بۇرۇلۇپ: «ۋىلادىمىر ۋىلادىمىروۋىچ، سىزدىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش سىياسەت يۈرگۈزۈلمەسلىكىنى تەلەپ قىلىمىز. ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىگە خاس مەسىلىلىرى، ئۆرپ-ئادىتى، ئەنئەنلىرى بار. ئۇيغۇن ئۇسۇلىنى تېپىپ، ھەر بىر دۆلەتكە ئۇنىڭغا چۈشىدىغان شەكىلدە مۇئامىلە قىلىش كېرەك» دەپ سۆزلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر