قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى

قىرغىزىستان - تاجىكىستان چېگراسىدا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى باشلىقلىرى تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

1882072
قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان مىللىي خەۋپسىزلىك كومىتېتى رەئىسى قامچىبېك تاسىيېۋ بىلەن تاجىكىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى رەئىسى سايمۇمىن ياتىموۋ تاجىكىستاندا كۆرۈشۈپ، 16 – سېنتەبىر شۇ جاي ۋاقتى سائەت 16:00 دە ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي قىسىملارنى چېكىندۈرۈپ، ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇچرىشىشتا، تاشىيېۋنىڭ توقۇنۇش جەريانىدا تاجىكىستان تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىۋېلىنغان تۆت نەپەر قىرغىزىستان ئەسكىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىككى دۆلەت چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى جۈمە كۈنى ئەتىگەندە ئۆزئارا توقۇنۇشقان؛ توقۇنۇشتا ھەر ئىككى تەرەپ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر