قىرغىزىستان - تاجىكىستان چېگراسىدىكى توقۇنۇشتا قىرغىزىستان تەرىپىدىن قازا قىلغانلار سانى 36 گە يەتتى

16-سېنتەبىر قىرغىزىستان-تاجىكىستان چېگرا مۇھاپىزەتچى قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا قىرغىزىستان تەرەپتىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 36 گە يەتتى.

1881302
قىرغىزىستان - تاجىكىستان چېگراسىدىكى توقۇنۇشتا قىرغىزىستان تەرىپىدىن قازا قىلغانلار سانى 36 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ يەر ۋاقتى 18 - سېنتەبىر سائەت 10:00 دا سەھىيە ئورگانلىرىغا ئېلىپ كېلىنگەن 12 كىشىنىڭ جەسىتىنى قوشقاندا توقۇنۇشتا قازا قىلغانلار سانىنىڭ 36 گە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

تاجىكىستان دائىرىلىرى ھازىرغىچە چېگرادىكى توقۇنۇشتا يارىلانغان ۋە قازا قىلغانلار سانى توغرىسىدا رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، تاجىكىستان يەرلىك تاراتقۇلىرى، چېگرادىكى توقۇنۇشتا 39 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىككى دۆلەت 16-سېنتەبىر ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلغاندىن كېيىن، قىرغىزىستان تەرەپتىن ئەسكەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 24 كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ باتكەن رايونىدىكى دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغانىدى.

16-سېنتەبىر ئەتىگەن نامەلۇم سەۋەب بىلەن قىرغىزىستان-تاجىكىستان چېگراسىدا باشلانغان قوراللىق توقۇنۇش 10 سائەت داۋاملاشقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر