جاپاروۋ پۇتىن بىلەن قىرغىزىستان - تاجىكىستان چېگراسىدىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا سۆزلەشتى

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپاروۋ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن قىرغىزىستان - تاجىكىستان چېگراسىدىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

1881357
جاپاروۋ پۇتىن بىلەن قىرغىزىستان - تاجىكىستان چېگراسىدىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئاخبارات مەركىزى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، جاپاروۋنىڭ پۇتىن بىلەن تېلېفونلىشىپ، قىرغىزىستان-تاجىكىستان چېگراسىدىكى توقۇنۇشتا پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشى ھەمدە نۇرغۇنلىغان ئاممىۋى ۋە خۇسۇسىي ئۇل ئەسلىھە ئەسلىھەلەرنىڭ بۇزۇلغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى؛ رەھبەرلەرنىڭ قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنى تېزدىن تىنچ  ئۇسۇل ۋە دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

بۇ جەرياندا، پىرېزىدېنت جاپاروۋ 19 - سېنتەبىر قىرغىزىستاننىڭ باتكەن رايونىدىكى قىرغىزىستان - تاجىكىستان چېگراسىدىكى توقۇنۇشتا قازا قىلغانلارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن 19 – سېنتەبىرنى «مىللىي ماتەم كۈنى» ئېلان قىلدى.

جاپاروۋنىڭ يەنە، توقۇنۇشنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان مەمۇرىي ۋە پۇقراۋى ئورۇنلارنى قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، زىيانلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش توغرىسىدا پەرمان ئىمزالىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

16 – سېنتەبىر كۈنى ئەتىگەن قىرغىزىستان-تاجىكىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا ھازىرغىچە ئېنىقلىنالمىغان بىر سەۋەبتىن قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، قىرغىزىستان تەرەپتىن 36 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 129 ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر