قازاقىستان پايتەختنىڭ نامىنى قايتىدىن «ئاستانە»گە ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى

قازاقىستان پارلامېنتى، پايتەخت نۇر سۇلتاننىڭ ئىسمىنى قايتىدىن ئاستانىغا ئۆزگەرتىشنى مەزمۇن قىلغان ئاساسىي قانۇن ماددىسىنى ماقۇللىدى.

1880903
قازاقىستان پايتەختنىڭ نامىنى قايتىدىن «ئاستانە»گە ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن پالاتالىرى بىرلەشمە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنىڭ بەزى ماددىلىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى؛ ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى تۈزىتىشنىڭ روھىغا ئاساسەن، پايتەخت نۇرسۇلتاننىڭ ئىسمى قايتىدىن ئاستانىغا ئۆزگەرتىلىدىكەن، لاھىيە پىرېزىدېنت قاسىم جومەرت توكايېۋ ئىمزا قويغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ بىر گۇرۇپپا پارلامېنت ئەزاسى، خەلقنىڭ پايتەختنىڭ يېڭى نامى (نۇر-سۇلتان) نى قوبۇل قىلالمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شەھەرگە كونا ئىسىمى «ئاستانە»نى قايتۇرۇپ بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توكايېۋ 9-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاساسىي قانۇن كېڭىشىگە ئىلتىماس سۇنۇپ، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مەزكۇر تەكلىپىنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ روھىغا ماس كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىجابىي جاۋابقا ئېرىشكەنىدى.

قازاقىستاننىڭ قۇرغۇچى پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ، 2019-يىلى 19-مارت پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ بىر كۈندىن كېيىن پارلامېنتتا ۋەزىپە تاپشۇرۇلغان ئالغان پىرېزىدېنت توكايېۋ پايتەخت ئاستانەنىڭ نامىنى نۇر سۇلتانغا ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ۋە مۇراجىئەتنامىلەرگە قارىماي، بۇ تەكلىپ 2019-يىلى 23-مارت پارلامېنتتا بىردەك قوبۇل قىلىنىپ، دۆلەتنىڭ پايتەختىنىڭ ئىسمى «نۇر سۇلتان»غا ئۆزگەرتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر