لاچىن شەھىرى ۋە يېزىلىرى ئەزەربەيجاننىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتتى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ لاچىن شەھىرى بىلەن زابۇھ ۋە سۇس يېزىلىرىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

1872664
لاچىن شەھىرى ۋە يېزىلىرى ئەزەربەيجاننىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تۋىتتېردا: «بىز ئەزەربەيجانلىقلار بۈگۈن 26-ئاۋغۇستتا (2022) لاچىن شەھىرىگە قايتىپ كەلدۇق. ئەزەربەيجان ئارمىيەسى لاچىن شەھىرىگە ئورۇنلاشتى. زابۇھ ۋە سۇس يېزىلىرى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىندى. بۇ ۋەسىلە بىلەن، بارلىق لاچىنلىقلارنى ۋە ئەزەربەيجان خەلقىنى تەبرىكلەيمەن. ياشىسۇن لاچىن! ياشىسۇن ئەزەربەيجان!» دەپ ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

ئەزەربەيجان، ئەرمېنىيە ۋە رۇسىيە 2020-يىلى 10-نويابىر 2-قاراباغ ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىمزالىغان ئۈچ تەرەپ خىتابنامەسى بويىچە، لاچىن شەھىرىنىڭ كونتروللۇقى ۋاقىتلىق رۇسىيە ئارمىيەسىگە بېرىلگەن ئىدى. بۈگۈن لاچىن شەھىرى، زابۇھ ۋە سۇس يېزىلىرى ئورۇن ئالغان «لاچىن كارىدورى» دەپ بىلىنىدىغان لىنيەدىن ھەم رۇسىيە ئارمىيە قىسىملىرى، ھەمدە ئەرمەنلەر چىقىپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ، مەزكۇر رايون باكۇ ھۆكۈمىتىنىڭ قولىغا ئۆتكەن بولدى.

2020-يىلى 10-نويابىر ئىمزالانغان ئۈچ تەرەپ خىتابنامەسىگە ئاساسلانغاندا، ئەزەربەيجان ئۈچ يىل ئىچىدە قاراباغدىكى ئەرمەن نوپۇسىنىڭ ئەرمېنىيەگە بېرىش-كېلىشلىرىدە پايدىلىنىدىغان ۋە لاچىن شەھىرىنىڭ سىرتىدىن ئۆتىدىغان يېڭى يول ياسايتتى. ئەزەربەيجان 32 كىلومېتىرلىق بۇ يولنى پىلان قىلىنغاندىن بۇرۇن پۈتكۈزدى.

ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ رايونىدا ياشايدىغان ئەرمەنلەر، ئەرمېنىيەگە بېرىش-كېلىشلىرىنى يېڭى يول ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. يېڭى يولنىڭ بىخەتەرلىكىنى رۇسىيە ئارمىيە قىسىملىرى قوغدايدۇ. لاچىن ۋە يېزىلىرى 1992-يىلى ئەرمېنىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا بۇ يەرلەرگە سۈرىيە ۋە لىۋاندىن ئېلىپ كېلىنگەن ئەرمەنلەر ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان ئىدى.

ئەزەربەيجان بولسا، بۇنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ۋە جەنۋە كېلىشىمىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر