رۇسىيە ب د ت ھەيئىتىنىڭ قىرىمدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلدى

رۇسىيە 2014 - يىلى قانۇنسىز ھالدا قوشۇۋالغان قىرىمغا ب د ت ۋەكىللەر ئۆمىكى رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش  ئۈچۈن كىرمەكچى بولدى، لېكىن رۇسىيە  ئۇلارنىڭ كىرىشىگە يول قويمىدى.

1852768
رۇسىيە ب د ت ھەيئىتىنىڭ قىرىمدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس تەرىپىدىن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سۇنۇلغان «ئۇكرائىنانىڭ ئۇزۇن مەزگىلدىن بېرى ئىشغالىيەت ئاستىدا تۇرىۋاتقان  قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ۋە سېۋاستوپول شەھىرىدە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» ناملىق دوكلاتىدا رايوندىكى ئەڭ يېڭى ۋەزىيەت باھالاندى.

قىرىمدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار قۇربانلار بىلەن بىرمۇ-بىر سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق توپلانغان مەلۇماتلادىن تەركىپ تاپقان دوكلاتتا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانلىرى ئوخشىمىغان مەنبەلەردىن دەلىللەنگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

دوكلاتتا رۇسىيە بەلگىلىگەن قانۇنلارنىڭ قىرىمدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە ئۇچۇرغا ئېرىشىش ھۆررىىيىتىگە سەلەبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، رۇسىيەنىڭ قىرىمدىكى ئوخشىمىغان سىياسىي كۆز قاراشلارنى جىمىقتۇرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.  

قىرىمدا دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭمۇ بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقى، قىرىمدا ياشايدىغان يەھوۋا شاھىتى خىرىستىيانلارنىڭ «ئاشقۇن گۇرۇپ» دەپ باھالىنىپ، پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، قىرىمغا قاراشلىق ئالۇشتا شەھىرىدە بىر ئىمامنىڭ جامىدە تەبلىغ قىلغانلىقى ئۈچۈن جەرىمانە جازاسىغا ھۇكۇم قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ب د ت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قىرىمدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قارىتا ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن كونترولسىز زىيارەت قىلىش تەلىپىنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقى، شۇڭا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قىرىمغا كىرەلمەيۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا گۇتېررېسنىڭ باياناتىغا ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلغان بولۇپ، گۇتېررېسنىڭ «رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ شارائىتى سەۋەبىدىن، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسى ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، قىرىمدا نەخ مەيدا كۈزۈتۈش خىزمەتلىرىنى قىلغىلى بولىدىغان مۇۋاپىق ئۇسۇلنى تاپالمىدى» دېگەن سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر