ئىلھام ئەلىيېۋ ئازاد قىلىنغان رايونلارنى قايتىدىن قۇرۇش ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ 2 - قاراباغ ئۇرۇشىدىن كېيىن ئازاد قىلىنغان رايونلارنى قايتىدىن قۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق خەلقئارا قاتناش لىنىيەلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلىشى ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك خىزمەتلەرنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1850227
ئىلھام ئەلىيېۋ ئازاد قىلىنغان رايونلارنى قايتىدىن قۇرۇش ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىلھام ئەلىيېۋ تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشقئاباتتا ئۆتكۈزۈلگەن 6 - نۆۋەتلىك كاسپىي دېڭىزى (ھازار) دۆلەتلىرى رەھبەرلەر يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئەزەربەيجان بولۇش سۈپىتى بىلەن كاسپىي (ھازار) دېڭىزى دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىغا زور ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىلھام ئەلىيېۋ كاسپىي دېڭىزىنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئاقتاۋدا ئىمزالانغان ھۆججەتنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشىغا ئەگىشىپ، كاسپىي (ھازار) دېڭىزى دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا تەسىر ۋە ھەمكارلىقنى مەقسەت قىلغان تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئۈچۈن پۇختا قانۇنىي ئاساسنىڭ يارىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىلھام ئەلىيېۋ كاسپىي (ھازار) دېڭىزىدىكى قاتناشنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئېلىپ، «بۈگۈنكى كۈندە ئەزەربەيجان ياۋرو-ئاسىيانىڭ مۇھىم قاتناش ۋە ترانسپورت مەركىزىنىڭ بىرىدۇر. ئەزەربەيجان شەرق-غەرب، جەنۇب ۋە شىمالدىكى خەلقئارا قاتناش كارىدورىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا. بىز كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان خەلقئارا قاتناشنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. بۇ يول كاسپىي دېڭىزى دۆلەتلىرىنىڭ قاتناش ئىقتىدارىدىن  ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە پايدىلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ ھەمدە قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى لايىھەلىرىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ» دېدى.

ئىلھام ئەلىيېۋ 2 - قاراباغ ئۇرۇشىدا (2020-يىلى 9-ئايدىن 11-ئايغىچە) ئەزەربەيجان قولغا كەلتۈرگەن غەلىبە ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «ئەزەربەيجان قاراباغ ۋە شەرقىي زانگېزۇرنى قايتا قۇرۇش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ، ۋە خەلقئارا قاتناش لىنىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كەڭ كۆلەمدە خىزمەت باشلىدى. زانگېزۇر كارىدورى ئەمدىلىكتە رېئاللىققا ئايلانماقتا» دېدى.

ئەلىيېۋ ئېكولوگىيىلىك ۋەزىيەتكە قارىتا كاسپىي (ھازار) دېڭىزى دۆلەتلىرىنىڭ  ئەندىشىلىرىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى ۋە كاسپىي دېڭىزىدىكى مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر