سۈرىيە ئۇچرىشىشلىرى نۇرسۇلتاندا باشلىنىدۇ

قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتاندا ئەتە (2022-يىلى 15-ئىيۇن) باشلىنىدىغان سۈرىيە تېمىسىدىكى 18-قېتىملىق ئاستانا ئۇچرىشىشلىرىدا، سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشى ئۈچۈن تەييارلىنىدىغان شەرت-شارائىتلار ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسى بولىدۇ.

1843118
سۈرىيە ئۇچرىشىشلىرى نۇرسۇلتاندا باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 18-قېتىملىق ئاستانا ئۇچرىشىشلىرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، 15-16-ئىيۇن كۈنلىرى پايتەخت نۇرسۇلتاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان 18-قېتىملىق ئاستانا ئۇچرىشىشلىرىنىڭ تەييارلىقلىرى ئاخىرلاشقان.

ئاستانا كاپالەتچىلىرى بولغان تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران ھەيئەتلىرى ئەتە سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سۈرىيە ئىشلىرى باش مۇدىرى سەلچۇك ئۈنال باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئۇچرىشىشلارغا قاتنىشىدۇ. ئىلگىرىكى ئاستانا ئۇچرىشىلىرىغا كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتى بىلەن قاتناشقان ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە لىۋاندىن بۇ قېتىم پەقەت ئىيوردانىيە ھەيئىتلا قاتنىشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى ۋە خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئۇچرىشىشلارغا كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتى بىلەن قاتنىشىدۇ.

تەرەپلەر سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشى ئۈچۈن شەرت-شارائىتلارنى تەييارلاشنى ئاساس قىلغان ھالدا، سۈرىيەدىكى ئىنسانىي ۋە ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋەزىيەت، جەنۋەدىكى ئاساسى قانۇن كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرى، ئىشەنچنى كۈچەيتىدىغان تەدبىرلەر، ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش ۋە يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنى ئىزدەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

ئەتە باشلىنىدىغان 18-قېتىملىق ئاستانا ئۇچرىشىشلىرى 16-ئىيۇن ئېچىلىدىغان يىغىن بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەشكىل قىلىنغان ئاستانا ئۇچرىشىشلىرى 2017-يىلى يانۋاردىن تارتىپ قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتاندا داۋام قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر