شاماھى شەھىرى تۈرك دۇنياسىنىڭ ساياھەت پايتەختى بولدى

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئەزەربەيجاننىڭ شاماھى شەھىرىنى 2023-يىللىق تۈرك دۇنياسى ساياھەت پايتەختىگە سايلىدى.

1831985
شاماھى شەھىرى تۈرك دۇنياسىنىڭ ساياھەت پايتەختى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ ساياھەت ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرلارنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنى شاماھى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

ئەزەربەيجان دۆلەت ساياھەت ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى فۇئاد ناغىيېۋنىڭ ساھىبخانلىقىدا ۋە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى باغداد ئامرېيېۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، ئۆزبېكستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى قوشۇمچە ساياھەت ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى مىنىستىرى ئەزىز ئابدۇھاكىموۋ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى نادىر ئالپئاسلان، قازاقىستان مۇئاۋىن مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى يەرجان يەركىنبايېۋ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى، ساياھەت ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇتەخەسسىسلەر، تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ ئەزەربەيجاندىكى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

يىغىندا، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا ۋە كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ چوڭ شەھەرلىرى ئارىسىدىكى ئايروپىلان سەپەرلىرى سانىنى كۆپەيتىش، ساياھەتچىلىككە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە تەجرىبىلەرنى ئورتاقلىشىش، قىش پەسلى ساياھەتچىلىكىدە ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىمكانىيەتلىرىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ساياھەت ئاگېنتلىقلىرى بىرلەشمىسى ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت ئورنىتىش مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىندا، ئەزەربەيجاننىڭ شاماھى شەھىرىنىڭ 2023-يىللىق تۈرك دۇنياسى ساياھەت پايتەختلىكىگە سايلىنىشى توغرىسىدا قارار ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر