تانجۇ بىلگىچ چەركەز ۋە قىرىم تاتارلىرى سۈرگۈنىنىڭ خاتىرە يىلىدا مۇھىم سۆز قىلدى

تانجۇ بىلگىچ قىرىم تاتارلىرىنىڭ كىملىكىنى قوغداش شۇنداقلا ئۇلارنىڭ پاراۋانلىقى ۋە بەخت-سائادىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ھەر دائىم قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1828685
تانجۇ بىلگىچ چەركەز ۋە قىرىم تاتارلىرى سۈرگۈنىنىڭ خاتىرە يىلىدا مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ چەركەز ۋە قىرىم تاتارلىرىنىڭ سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنىڭ خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن  يازما بايانات ئېلان قىلدى.

قىرىمنىڭ يەرلىك خەلقى بولغان قىرىم تاتار تۈركلىرىنىڭ 1944-يىلى 18-مايدا ۋەتىنىدىن مەجبۇرىي سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە خىلاپ شارائىتتا سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تانجۇ بىلگىچ: «250 مىڭ قىرىم تاتارىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى سۈرگۈن جەريانىدا ياكى سۈرگۈن قىلىنغان جايلاردا ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۈگۈن بىز بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەنىڭ 78 - يىللىقىنى خاتىرىلىمەكتىمىز. تۈركىيە قىرىم تاتارلىرىنىڭ كىملىكىنى قوغداش شۇنداقلا ئۇلارنىڭ پاراۋانلىقى ۋە بەخت-سائادىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەر دائىم قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا بولىدۇ» دېدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ 21-ماينىڭ بولسا، چەركەز تۈركلىرىنىڭ سۈرگۈن قىلىنىشىنىڭ 158 – يىللىقى سۈپىدە  خاتىرىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «كاۋكاز خەلقلىردىن يۈزمىڭلىغان كىشى 19-ئەسىردە رۇسىيە چار پادىشاھلىقىنىڭ ئىشغالىيىتى جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى. ھايات قالغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئانا يۈرتلىرىدىن ئايرىلىپ ئانادولۇدا پاناھلاندى. <چەركەز سۈرگىنى> دەپ ئاتىلىدىغان بۇ تىرادىگىيەنىڭ ئازابىنى ھازىرمۇ ھېس قىلماقتىمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز قىرىم تاتارلىرى ۋە قېرىنداش كاۋكاز خەلقلىرى باشتىن كەچۈرگەن ھەر ئىككى پاجىئەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئالدىدا ھۆرمەت بىلەن باش ئېگىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر