قازاقىستان «دەرىجىدىن تاشقىرى پىرېزىدېنتلىق تۈزۈم» نى ئەمەلدىن قالدۇردى

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ قازاقىستاننىڭ ھازىرقى مەۋجۇت «دەرىجىدىن تاشقىرى پىرېزىدېنتلىق تۈزۈم» نى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە «پارلامېنتى كۈچلۈك بىلەن پرېزىدېنتلىق تۈزۈم» گە ئۆتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1796534
قازاقىستان «دەرىجىدىن تاشقىرى پىرېزىدېنتلىق تۈزۈم» نى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ پارلامېنت ئومۇمىي كېڭىشىدە خەلققە خىتاب قىلىپ، قازاقىستاننىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىنى ئومۇميۈزلۈك يېڭىلاشنىڭ يېڭى ئىسلاھات لايىھەسىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ ئىسلاھاتنىڭ ئالدى بىلەن ئىزچىل دېموكراتىيەلىشىشنى ۋە دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە باشقۇرۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قاسىم جۆمەرت توقايېۋنىڭ «يېڭى قازاقىستان» ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان 8 ماددىلىق ئىسلاھات پىلانىغا ئاساسەن، بۇ دۆلەتتىكى ھازىرقى دەرىجىدىن تاشقىرى پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمى ئاخىرلىشىدۇ ۋە پارلامېنتى كۈچلۈك پرېزىدېنتلىق تۈزۈمگە ئۆتىدۇ.

بۇنىڭ بىلەن، «كۈچلۈك پىرېزىدېنت، ئۈنۈمى يۇقىرى پارلامېنت ۋە مەسئۇلىيەتچان ھۆكۈمەت» پىرىنسىپى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. پىرېزىدېنت ۋەزىپىگە ئولتۇرسىلا سىياسىي پارتىيەنىڭ ئەزاسى بولالمايدۇ. بۇ دائىرىدە، پىرېزىدېنت توقايېۋ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئامانات (نۇر ئوتان) نىڭ رەئىسلىك مۇددىتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، مەركىزىي سايلام كومىتېتى، مالىيە كومىتېتى ۋە ئاساسىي قانۇن كېڭىشى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئەزالىرى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ئەزاسى بولالمايدۇ. بىۋاستە قاراشلىق شەھەر باشلىقلىرى ۋە ئۆلكە باشلىقلىرى پارتىيەلەردە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇننى ئىگىلىيەلمەيدۇ.

بۇ قانۇن پىرېزىدېنتنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلىرىغا ۋە يېرىم ئاممىۋى شىركەتلەردە ۋەزىپىگە قويۇلۇشى قانۇن بويىچە چەكلىنىدۇ.

پارلامېنتنىڭ يۇقىرى قانىتى بولغان كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەركىبىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئىلگىرى پىرېزىدېنت تەرىپىدىن 15 كېڭەش پالاتا ئەزاسى تەيىنلىنىدىغان كېڭەشتە، بۇ سان 10 غا قىسقارتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بەش نەپىرىنى قازاقىستان خەلق مەجلىسى كۆرسىتىدۇ. نەتىجىدە، ئاسامبېلنىڭ پارلامېنتقا ۋەكىل تەيىنلەش ھوقۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

پەقەت پارلامېنتنىڭ تۆۋەن پالاتاسىنىڭلا قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بولىدۇ. بۇ بىر قاتار ئىسلاھاتلار ئارقىلىق ھوقۇق دائىرىسى كېڭەيتىلىدىغان پارلامېنتتا بارلىق ئىجتىمائىي قاتلاملارغا ۋەكىللىك قىلىش ئۈچۈن، نىسپىي ۋەكىللىك قىلىش تۈزۈمى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.

بىۋاستە قاراشلىق شەھەر باشلىق نامزاتلىرى ۋە ئۆلكىلەرنىڭ ۋالىي نامزاتلىرى يەرلىك پارلامېنت تەرىپىدىن ۋاسىتىلىك سايلام ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ.

ئاباي ، جېزكازگان ۋە جېتىسۇ قاتارلىق يېڭى ئۆلكىلەر قۇرۇلىدۇ.

ئىسلاھاتنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن، يىل ئاخىرىغىچە 20 قانۇن ماقۇللىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئاساسىي قانۇننىڭ 30 نەچچە ماددىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر