قازاقىستاندا رۇسىيەنىڭ ئىشغالىغا قارشى ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى باشلاندى
قازاقىستاندا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ھۇجۇمىنىڭ ئاخىرلىشىشى تەلەپ قىلىنغان ئىمزا توپلاش پائالىيىتى باشلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە پىكىر ئەركىنلىكى ساھەسىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى باشلىغان.
بۇ ھەقتىكى باياناتتا: «بىز قازاقىستان خەلقى ئىشغالغا ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە خىلاپلىق قىلىشقا قارشى تۇرىمىز. ئۇكرائىنا خەلقىدىن ئەنسىرىگەن قازاقىستان خەلقى پىكىر قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ مۇستەقىل ئۇكرائىنانىڭ زېمىنلىرىدىن چېكىنىشىنى چاقىرىق قىلىمىز» دېيىلدى.
ئالمۇتادا تۈنۈگۈن (2022-يىلى 24-فېۋرال) رۇسىيە كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۇكرائىنانى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ساقچىلار نامايىشنى تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇنغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.