نەزەربايېۋنىڭ بارلىق ھوقۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
قامزاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ دۆلەتنىڭ قۇرغۇچى پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ بارلىق سىياسىي ھوقۇقلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان قانۇننى تەستىقلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنىڭ ئىمزالانغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، پىرېزىدېنت توقايېۋ ئاساسىي قانۇندىكى بىرىنچى پىرېزىدېنت-ئەلباشى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپ قىلىنغان قانۇننى تەستىقلىغان. بۇنىڭدا، نەزەربايېۋنىڭ قازاقىستان خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە خەلق ئانسامبىلىدىكى «ئۆمۈرۋايەت پىرېزىدېنت بولۇش» ھوقۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
دۆلەتنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە، نەزەربايېۋ بىلەن بىرلىكتە قارار قىلىش تەكلىپ قىلىنغان ماددىمۇ چىقىرىۋېتىلگەن.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى قازاقىستان پارلامېنتى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ، پىرېزىدېنتنىڭ تەستىقلىىشغا ئەۋەتىپ بېرىلگەن ئىدى.
نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ دۆلەتنى تەخمىنەن 30 يىل باشقۇرغاندىن كېيىن، 2019-يىلى پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىدىن ئىستېپا بەرگەن ئىدى. ئەمما، قازاقىستان خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە قازاقىستان خەلق ئانسامبىلىغا ئۆمۈرۋايەت پىرېزىدېنتلىق قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.