تۈركىيە: قىرغىزىستان –  تاجىكىستان چېگراسىدىكى ئۆزگىرىشتىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە تاجىكىستان – قىرغىزىستان چېگراسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشنىڭ تەرەپلەرنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشى نەتىجىسىدە تېخىمۇ چوڭىيىپ كەتمەستىن  توختىشى ۋە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1770110
تۈركىيە: قىرغىزىستان –  تاجىكىستان چېگراسىدىكى ئۆزگىرىشتىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «دوست ۋە قېرىنداش ئىككى دۆلەت  ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا سۈركىلىشىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھەل قىلىنىشىغا قارىتا سەمىمىي ئارزۇيىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمىز. بۇنداق ۋەقەلەنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز، چېگرا رايونىدىكى توقۇنۇشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»

ئالدىنقى كۈنى كەچتە، قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن، توقۇنۇشتا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 21 كىشى يارىلانغانىدى.

تاجىكىستان بىلەن قىرغىزىستان، سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نەتىجىسىدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر