نەزەربايېۋنىڭ «ئۆمۈرۋايەت پىرېزىدېنت» بولۇش ھوقۇقى بىكار قىلىندى

قازاقىستاننىڭ قۇرغۇچى پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ  دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە قازاقىستان خەلق مەجلىسىدىكى «ئۆمۈرۋايەت پىرېزىدېنت» بولۇش ھوقۇقى بىكار قىلىندى.

1769277
نەزەربايېۋنىڭ «ئۆمۈرۋايەت پىرېزىدېنت» بولۇش ھوقۇقى بىكار قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارلامېنتنىڭ يۇقىرى قانىتى بولغان پالاتا، ھەپتىلىك ئومۇمىي يىغىنىدا، دۆلەتنىڭ تۇنجى پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن لايىھەسىگە بەزى تۈزىتىشلەرنىڭ كىرگۈزۈلۈشىنى ماقۇللىدى.

بۇنىڭغا ئاساسەن،  زەربايېۋنىڭ  دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە قازاقىستان خەلق مەجلىسىدىكى «ئۆمۈرۋايەت پىرېزىدېنت» بولۇش ھوقۇقى بىكار قىلىندى.

قانۇن لايىھەسى، پالاتا ئەزالىرىنىڭ بىر دەك ئاۋاز بېرىشى نەتىجىسىدە ماقۇللاندى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى، بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ، كېڭەش پالاتاسىغا سۇنۇلغانىدى.

قازاقىستاننى تەخمىنەن  30 يىل باشقۇرغاندىن كېيىن،  2019-يىلى پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن نەزەربايېۋ، يەنىلا قازاقىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، قازاقىستان خەلق مەجلىسى ۋە نۇر ئوتان پارتىيەسىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتاتتى.

بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا دۆلەتتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن، نەزەربايېۋ  دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكى ۋەزىپىسىنى پىرېزىدېنت قاسىم جۆمەرت توقايېۋغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر